بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەدبىرىگە ناراز بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنى مەزكۇر قارارنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
ئىران ئۆزىنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى توختاتمىغانىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇپ، ئىراننىڭ خەلقئارا بازاردا نېفىت سېتىشىنى چەكلىگەن ۋە ئىراندىن نېفىت ئېلىشنى توختاتقان ئىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغان، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى ئىگىدارچىلىقىدىكى «كۇئىنلۇن» بانكىسى، ئىراننىڭ ئېمبارگو جازاسىدىن قۇتۇلۇپ، نېفىتلىرىنى خەلقئارا بازاردا سېتىشىغا ياردەم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ مەبلەغلىرىنى يۆتكەپ بەرگەن.
نەتىجىدە ئوباما ھۆكۈمىتى «كۇئىنلۇن» بانكىسىغا قارشى جازا تەدبىرى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر بانكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا چەك قويغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئوبامانىڭ چەكلەش چارىسىگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، كۇئىنلۇن بانكىسىغا قاراتقان جازا تەبىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.