خىتاينىڭ ياشىن تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەدلىيە ھەم سوت خادىملىرىنى ئىنتېرنېت ساھەسىدە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلىپ، دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۇرستا سوت خادىملىرىغا يەنە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەققىدىمۇ ئالاھىدە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلاردىن دۆلەت مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيەتلىكى، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دېلولار، شەخسلەرنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە دائىر دېلولاردىن باشقا دېلولارغا بېرىلگەن ھۆكۈملەرنى تور ئارخىپىدا ئاممىغا ئاشكارىلىسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي قانۇن ساھەسىدىكى خادىملارغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان دېلولارنى تەكشۈرۈشتە ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان گۇماندارلارنى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلمايلا مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارى بولسا كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىغانلار شۇنداقلا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش -قىيناش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىپ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان رايون دەپ قارالماقتا.