بىڭتۇەن سىياسىي كومىسسارى بىڭتۇەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، يەنى بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىدىن كېيىن بىڭتۇەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن يېقىندا «فېڭ خۇئاڭ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەرلىشىشىدىكى سەۋەب، قۇرۇلۇش تارىخى، تەرەققىياتى ھەم بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىش جەريانىدا ئوينىغان رولى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالغان ئىدى.

بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن سۆزىدە، بىڭتۇەن قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ياردەملىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا مۇھىم تايانچ كۈچكە ئايلانغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ھەم پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا قاتارلىق جايلىرىغا يەرلەشكەن 1-،2-ھەم 3 دېۋىزىيىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قايتا رەتكە سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ رايوندىكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنگەن «يىلپىز ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» گە ماسلىشىپ، رايوندىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئىگىلىگەن 62 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىندا مۇقىملىقنى ساقلاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بېشىنى ئەڭ قاتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.