شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى ئىككى يېزا خەلقىدە ئۆتكەن ھەپتە زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا 200 كىشىنىڭ بۇلغانغان سۇ ئىچىش سەۋەبىدىن كېسەل بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، رايوندىكى كارخانا ۋە فابرىكىلاردىن چىققان زەھەرلىك سۇلار مەزكۇر يېزا خەلقى ئىچىدىغان سۇلارغا ئارىلىشىپ كەتكەن.
