لوس ئانجىلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئوق چىقىرىلغان

پەيشەنبە كۈنى لوس ئانجىلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق نامايىشىدا نامەلۇم بىرىنىڭ ئەلچىخانىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

جۈمە كۈنى لوس ئانجىلىس ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوق چىقارغۇچى بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ئەسلى شاڭخەيلىك جاڭ باۋلياڭ ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ پەيشەنبە كۈنى ۋەقەدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ ئارىدا جاڭ باۋلياڭ ئەلچىخانا قاراۋۇلى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان.

جاڭ ماشىنىسى ھەيدەپ كېلىپ قاراۋۇلغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ئوق قاراۋۇلغا تەگمەي خىتاي ئەلچىخانىسىغا تەككەن. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە جاڭ جەمئىي 9 پاي ئوق ئاتقان.

جاڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئوتكەن ئىكەن.

ئۇ نۆۋەتتە ساقچىدا «قاتىللىققا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.