خىتاي ئولىمپىك يىغىنىدا مەسىلە تۇغدۇرىدىغان ئامېرىكا تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان

"بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا نامايىش قىلىش ياكى ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ئامېرىكا تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئامېرىكا تەنتەربىيە ئۆمىكىدىكى 9 نەپەر تەنتەربىيىچى ۋە بىر ياردەمچى ترېنىرنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى داررېي سېيبىل پەيشەنبە كۈنى "بۈگۈنكى ئامېرىكا " گېزىتىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تىزىملىكنى ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى 8 ‏- ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلار كونسۇلى شۇ شياۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا ئامېرىكا تەرەپكە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىزىملىكتىكى تەنتەربىيىچىلەر جەننىي فېنچ، جېسىكا مېندوزا، ناتاشا ۋاتلېي، ئاماندا فرېد، كالتەك توپ ياردەمچى ترېنىرى كارېن جونس، پوتبولچى ئابېي ۋامباك، ۋىلسىپىت ماھىرى جوناتان پەيج، مېيىپلار ۋاسكىتبولى ماھىرى جېين خوۋېت، مېيىپلار غالتەك ھارۋا ماھىرى چەرى بولۇۋېت ۋە گولپ توپ ماھىرى لاۋرا گۇدۋېن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. لېكىن خىتاينىڭ تەلىيىگە يارىشا تىزىملىكتىكى ۋامباك، پەيج، گۇدۋېنغا ئوخشاش بەزى تەنتەربىيىچىلەر ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشمىغان.

باياناتچى داررېل سېيبېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلى شۇ شياۋ ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىغا يۇقىرىقى تەنتەربىيىچىلەرنىڭ سۇداندىكى دارفۇر خەلقىنى قوغدايدىغان بىر خەلقئارا ئورگان بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا خىتايغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش ياكى نامايىش قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، لېكىن پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرنى ئامېرىكا ئولىمپىك ئۆمىكىگە كىرگۈزمەسلىك تەلىپى رەت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى داررىل سېيبىلنىئوڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى "پۈتۈنلەي ئورۇنسىز" ۋە" ئاساسسىز" ، دەپ قارىغان ھەم خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.