خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.14
2010.01.14
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا ۋەكىللەر خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا يەنە ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئۈستىدىمۇ قىزغىن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىن ئاخىرىدا سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى قايتىدىن بەلگىلىنىپ چىققان.
خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى بىرلەشمىسى 1998 - يىلىدا خىتاي دېموكرات ۋېي جىڭشىڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، خىتايدا دېموكراتىيىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن.









