خىتايدا «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن 500 دەك كىشى قولغا ئېلىندى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن 500 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-12-18
Share

ئۆتكەن چارشەنبە 12-دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ خېنەن، چىڭخەي،گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» نامىدىكى بىر يەر ئاستى خرىستىئان مۇرىتلىرى مەزھىپى كىشىلەرنى زامان ئاخىرى بولۇشتىن ئىلگىرى بارلىق گۇناھلاردىن خالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزھىپىگە كىرىشكە تەشەببۇس قىلىپ، نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىش ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، چىڭخەي، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە بۇ دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى «زامان ئاخىرى ۋەھىمىسى تارقىتىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى» دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشكىلات ئەزالىرى 12-دېكابىر كۈنى ئېلىپ بارغان نامايىشىدا،زامان ئاخىرى يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىغان. ئۇلار كىشىلەرنى بارلىق يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئۆزىنى پاكلاشقا ئۈندىگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلىپ، بارلىق ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، پەقەت «ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىلاھ» نامىدىكى دىنىي مەزھەپكە ئەگەشكىنىدىلا 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بارلىق بالا-قازالاردىن ساقلىنىپ ھايات قالىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت