تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە دېھقانلار يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاش يولنىڭ 4 ئېغىزىنى توپا تاشلار بىلەن تاقىغاندىن سىرت، ھەر بىر ئېغىزغا 40 قا يېقىن دېھقاننى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت ناھىيىدىكى %80 دېھقاننىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، دېھقانلارنى تېگىشلىك ھەق بىلەن تەمىنلىمىگەن. مېۋىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان دېھقانلار، يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قىيىنچىلىق تارتقان.
مەزكۈر ناھىيىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۆپ قېتىم ئالاقىدار تارماقلارغا دەردىنى ئاڭلاتقان، بىراق ھېچقانداق ئىنكاسقا ئېرىشەلمىگەن. يول ياساشقا قاتناشقان ئىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىڭباۋ تاش يولى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، دېھقانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن قېتىم كاشىلا چىقارغان. ھەتتا بۇ يىل 6 - ئايدا بىر ھەپتە ئىش توختىغان. ئىشچىلار دېھقانلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىش تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.
بىراق خەۋەردە، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا قانداق تەدبىر قوللانغانلىقى ھەققىدە ئوچۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
