خىتاينىڭ ئەل-بەشىرنى قولغا ئالمىغانلىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئەپسۇسلاندۇردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى نەۋى پىلاي پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سۇدان پرېزىدېنتى ئەل-بەشىرنى قولغا ئالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.30

نەۋى پىلاي «خەلقئارا سوتقا ھەمكارلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان شەخسلەرنى ئادالەت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ھەر بىر ھۆكۈمەتنىڭ جۈملىدىن خىتاينىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى» دەپ تەكىتلىگەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2009‏-يىلى 2‏-ئايدا ئەل بەشىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئەل‏-بەشىر چارشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا باشلاپ، شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. نەۋى پىلاي يەنە «دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاتقۇرماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېگەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2003‏-يىلى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا توقۇنۇش پارتلاپ، 300 مىڭ ئاھالىنىڭ ئۆلۈشىدە ئەل-بەشىرنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، ئەل-بەشىرنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئاقلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن «بىز خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ پرېزىدېنت ئەل-بەشىرنى سوتلاش مەسىلىسىدىكى قارارىدا ئۆز پىكرىمىزدە قالىمىز» دېگەن. بىراق نەۋى پىلاي پەيشەنبە كۈنى يەنە ئەسكەرتىپ، «ھۆكۈمەتلەر ئۆز دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ماھىيىتى سەۋەبلىك بىرسىنى سوتقا تاپشۇرمىسا، بۇنىڭدىن مەن ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىمەن» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.