مەزكۈر دوكلاتتا 41 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك پارىخور خىتاي كادىرلىرىنىڭ 36 سىنىڭ ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى پاش بولغان. ئۆز ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ زور كۆلەملىك مەبلىغىنى قانۇنسىز ھالدا قىمارغا، ئەيشى - ئىشرەتكە ھەمدە بىر ۋە بىر نەچچە ئاشنىلىرىغا ئىشلىتىش قىلمىشلىرى بۇ كادىرلارنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك كۆرۈلگەن بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ليۇ جىنىڭ خىيانەت قىلغان سوممىسىدىن 700 مىليون يۇەن ئۇنىڭ ئاشنىسىنىڭ قولىدا خەجلىنىپ تۈگىگەن ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىنىڭ زور كۆلەمدە پاش بولغان ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى نۆۋەتتە بارلىق خىتاي مۇلاھىزە تورلىرىدا كۈچلۈك مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلغان بولۇپ، خىتاي جەمئىيىتى "بۇ قېتىملىق ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، مۇھىمى خىتاي كومپارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارىخورلۇقى، چوڭقۇر چىرىكلەشكەنلىكىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى" دەپ باھا بەرمەكتە.
ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ مىنىستىرلىققا ئۆستۈرۈلۈشتىن توختاپ قېلىشىغىمۇ، ئۇنىڭ ئاشنىدارچىلىق سەتچىلىكى سەۋەب بولغانلىقى بىر مەھەل غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
