خىتاي، يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەرز قوبۇل قىلماقچى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى 2009 ‏ - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئىلخەت ئارقىلىق يوللىغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ تور بەت مۇلازىمەت ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورۇن ھازىرچە پەقەت دېھقانچىلىققا دائىر ئەرزلەرنىلا قوبۇل قىلىشقا مەخسۇس ئادەم بېكىتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەرزىيەتچىلەر ئۆزلىرى كەلمەي تۇرۇپمۇ، ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئىلخەت ئارقىلىق ئەرزىنى يوللىسا بولىدىكەن.

بېرىتانىيە ئاخباراتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل 7 - ئايدا خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرى، ئەرزىيەتچىلەرنى باشقۇرۇش ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندا ئىمكان قەدەر ئەرزىيەتچى ئاممىنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئەرزىيەتچىلەرنىڭ قلايمىقانچىلىقىدىن خالى قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغۇچى ئامما داۋاملىق تۈردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشى، زوراۋانلىقى ھەم تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

كۆزەتچىلەر، گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەرز قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇشى ئەرزىيەتچى پۇقرالارنى بېيجىڭغا بېرىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراشتىن نىسبەتەن ساقلاپ قالسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ بارلىق ئەرزىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنىشىدىن ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىماقتا.

نۆۋەتتە خىتايدا ئىنتېرنېت ئابونتلىرى 250 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تورىنىڭ ھەم ئاممىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇنازىرىلىرىگە دىققەت بىلەن قارىماقتا ھەم ئامالنىڭ بارىچە ئاممىنىڭ تور ئارقىلىق ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى قامال قىلىپ كەلمەكتە.