بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇجيانىڭ ئايالى «تىۋىتتېر» تورى ئارقىلىق «ئۇيقۇسىز كېچە سائەت 2 يېرىمدا خۇجيا ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ئۇ تىنچ، ناھايىتى خۇشال، ئۇ بىر مەزگىل دەم ئېلىشى كېرەك، ھەر بىرىڭلارغا رەھمەت» دېگەندەك ئۇچۇرنى تارقاتقان.
خۇجيانىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خېلى كۆپ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خەۋەر قىلدى. بىراق، خۇ جيا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەتبۇئاتلارغا گەپ قىلىشى تېخى بالدۇر بولۇپ، ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆي ئەتراپىنى كونتروللۇق ۋە نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار مەيدانغا چىقماقتا.
خۇجيا 2008-يىلى «ساخاروف ئەركىن تەپەككۇر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەمدە 2009-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان ئىدى. خۇجيانىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام، قىلغان.
خۇجيا تۈرمىدە ئۈچ يېرىم يىل ياتقاندىن كېيىن ، مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى. تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي داڭلىق سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ئەي ۋېيۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشى خەلقئارادا كۆپ ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقان كۈنلەردە خىتاي يەنە بىر نەپەر ئاتاقلىق ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇ جيانى قويۇۋەتتى.
