مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تەيۋەندە ما يىڭجۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەيۋەندە بار بولغان F - 16A/Bs تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى، 66F16 - C/Ds تىپىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كۆپ قېتىم تەلەپ سۇنغان. ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئالاقىدار دوكلاتلىرىدا تەيۋەننىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا تەيۋەن مۇداپىئە كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىدىن F - 16 ھەققىدە سوئال سورىغان. باياناتچى ئامېرىكىدىن خىتاينىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋە ئەندىشىلىرىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئامېرىكىنى خىتاينىڭ مۇھىم مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي سۆھبەتنى توختىتىپ قويغان ئىدى.