خىتاي گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنى يەنە تەكرارلىدى

پورتۇگالىيە ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارغا پاناھلىق بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقىشىغا ياردەملىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن گېرمانىيە ئەگەر ئامېرىكا گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقىسا، ۋەتىنىگە قايتالمايدىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا نارازىلىق بىلدۈردى. چىن گاڭ سۆزىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى، تېررور گۇماندارلىرى دەپ ئاتىدى ھەم ئۇلارنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

چىن گاڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ تېررور گۇماندارلىرى ھەققىدىكى ئىزچىل تەلىپىمىز شۇكى، بۇلار جۇڭگوغا دەرھال قايتۇرۇلىشى كېرەك؛ بىز ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز."

خىتاي ئىزچىل ھالدا تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى، غەرب دۇنياسىدىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ ئاتىغان؛ ئۇلار ئامېرىكىدا ئېچىلغان بىر قانچە قېتىملىق سوتتا، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىگە پاكىت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت