لياڭ گۇاڭلېي يەكشەنبە كۈنى بومبايغا يېتىپ كەلدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لياڭ گۇاڭلېي ھىندىستان ھەربىي تەرەپ بىلەن ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ھەمدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.
بۇ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ 8 يىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، لياڭ گۇاڭلېينىڭ زىيارىتى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ۋيېتنام، فىلىپپىن ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ زىددىيەتلىرى ئۆتكۈرلەشكەن ، بولۇپمۇ سېنكاكو ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ سەزگۈرلەشكەن بىر پەيىتكە توغرا كەلدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ زور ھەربىي تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدىغان كۈچ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ھىندىستان سەپىرىدىن ئىلگىرى لياڭ گۇئاڭلېي سىرىلانكىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە بۇ دۆلەتكە زور مىقداردا ھەربىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئىدى.