خىتاي بىلەن ھىندىستان تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئېلىپ باردى

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ 6 ‏ - دېكابىر كۈنى باشلىنىپ 14 ‏ - دېكابىرغا قەدەر داۋاملىشىدىغان تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستاننىڭ كارناتاكا شتاتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىرغا خىتاي تەرەپتىن 137 كىشى قاتناشماقتا. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ما شاۋتيەن باشچىلىقىدىكى بىر خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى مانېۋىرنىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلانغان 3 ‏ - باسقۇچىنى كۈزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كارناتاكا شتاتىغا كەلگەن.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا ھەر بىر تەرەپتىن بىر روتا ھەربىي قىسىم قاتناشقان بولۇپ، مانېۋىرنىڭ 3 ‏ - باسقۇچىنىڭ نىشانى مەلۇم بىر يېزىنى ئىگىلىۋالغان "تېررورچىلار"نى يوقىتىشتۇر.
 
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرى 26 ‏ - نويابىر كۈنى پاكىستاننى بازا قىلغان قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئانالىزچىلار، خىتاي قوشنا ئەللەر بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ تۈردىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ تىغ ئۇچىنى دائىم شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇمبايدىكى ۋەقە ھىندىستاننى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھىندىستان مۇمبايدىكى ۋەقە پاكىستاننى بازا قىلغان جامائەت - ئۇد داۋا تەشكىلاتى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 لېكىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە بۇ يىل 2 ‏ - ئاي ۋە 6 ‏ - ئايدا ئىككى قېتىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن جامائەت - ئۇد داۋانى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۇ تەلەپ خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى خىتاي - ھىندىستان تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرغا " قولغا‏ - قول" دەپ نام بېرىلگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت