ئۇ فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەن ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت، ئەمما مەن باشقا سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېگەن.
لى فاڭپىڭنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايدىكى يەنە بىر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى بولغان لى شيوڭبىڭنىڭ غايىب بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن. ئۇنىڭ ئايالى لى شىيوڭبىڭنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ خىتايدىكى دىنى بېسىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىدى.
خىتايدا يېقىندىن بۇيان ئارقا -ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ بىردەك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ، خىتايدىكى داڭلىق سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى غەربنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاينى تەنقىدلەپ ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا ئاۋسترالىيىمۇ قوشۇلغان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا چاقىرىپ ، «باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ قانۇن تەرتىپىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىز ئەي ۋېيۋېنىڭ مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا -خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۈچۈن خىتايدا بولغان ئامېرىكا ھەيئىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى.