خىتاي دائىلىرى توردا «پىتنە - ئىغۋا» تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 16 تور بېكىتىنى تاقىغان ۋە 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا ھەربىي ماشىنىلارنىڭ غەيرىي نورمال ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان 16 تور بېكىتى ۋە 6 كىشىنى «پىتنە - ئىغۋا» تارقاتتى، دەپ ئەيىبلەپ تاقىغان ۋە تۇتقۇن قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر تور بېكەتلىرىنىڭ «ھەربىي ماشىنىلار بېيجىڭغا كىردى، بېيجىڭدا غەلىتە ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ «پىتنە - ئىغۋا» تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر باياناتچى يەنە، ئاتاقلىق ئىككى تور بېكىتىنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلىك «تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقى ۋە جازالانغانلىقى»نى ئاشكارىلىغان. 15 - مارت چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى،كومپارتىيە ئىچىدە زور تەۋرىنىش پەيدا قىلغان. ھەربىيلەر، مەركىزى سىياسىي قانۇن سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭنىڭ باشچىلىقىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

«سىنا»، «تېڭشۈن» قاتارلىق خىتاي تور بېكەتلىرى بۇ ھەقتىكى چاپلانما ۋە مۇنازىرىلەرگە چەكلىمە قويۇپ، ئاتالمىش «پىتنە - ئىغۋالار»نى تازىلىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ ۋەقە ئارقىلىق كومپارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ھوقۇق ئالمىشىش باسقۇچىدا قانچىلىك سەزگۈرلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە يەنە، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى»نىڭ سابىق مۇھەررىرى لى داتوڭغا ئوخشاش بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ بۇ خىل تازىلاش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ساقچىلار ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىنىدىغان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.