بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭ يۈ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خەلققە پايدىلىق بولغان يادرو ئېنېرگىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا قارشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە "خىتاي ئەزەلدىن بېرى ئىمبارگوغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن" دېگەن.
يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ يېڭى يادرو ئىستراتېگىيسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەمدى يادرو قورال تېررورچىلىقىنى يوقىتىپ خەلقئارالىق بالايى - ئاپەتلەردىن ساقلىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى توختىتىش يولىدا كۆپ تەرەپلىمە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيىسىگە دائىر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مۇشۇ كۈنگىچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا " بىز ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيسىنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ چىقىۋاتىمىز،" دەپ جاۋاب بەرگەن.