خىتاي 586 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ ئىقتىسادىدىكى جىددىي تۆۋەنلەشكە تاقابىل تۇرماقچى

دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئاستىلاش، ئېكسپورت ئاساس قىلىنىدىغان خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۆسۈش بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۆسۈش ئۆتكەن يىلى، يىللاردىن بۇيانقى 11.9 پىرسەنتتىن 9 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان بولسا، بۇنىڭ كېلەر يىلى يەنە داۋاملىق تۆۋەنلەپ 7.5 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نەتىجىدە نوقۇل ھالدا ئېكسپورتقا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا خادىم قىسقارتىش بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا بۇ خىلىدىكى بەزى زاۋۇتلار بارا - بارار تاقىلىپ قالماقتا ئىكەن.

9 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دۆلەت كابىنتى، خىتاي ئىگىلىكىدىكى بۇ خىل جىددىي تۆۋەنلەشكە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئوبوروتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 586 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 586 مىليارد دوللار مەبلەغ خىتاي يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 7 پىرسەنتىگە باراۋەر بولۇپ، خىتاي مەزكۇر مەبلەغنى كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى تومۇر يول، ئايرودروم ۋە باشقا ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىدىكەن.