رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ئوغرىلىغان خىتاي جاسۇسىنى سوتقا تاپشۇردى
2011.10.05
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە رۇسىيە بۇ خىتاي جاسۇسىنى بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋېلادىمىر پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان ھازىرقى بىر سەزگۈر ۋاقىتتا ئېلان قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىدە سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ ئىسمى تۇڭ شېڭيۇڭ، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ كەسپىي تەرجىمانى. ئۇ، رۇسىيىنىڭ S-300 بەلگىلىك يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى نىشانلارنى پاچاقلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا دائىر تەپسىلىي ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغاندا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىكەن.
خىتاي جاسۇسىنى ھەربىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئىككى نەپەر رۇسىيە پروفېسسورىمۇ، بۇ قېتىم سوتلانغاندىن كېيىن 20 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.