خىتاينىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.05.19
2012.05.19
دوكلات جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسى ھەققىدىمۇ سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلىلا ھەربىي ھازىرلىقى ئۈچۈن 180 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي ئەسلى ئېلان قىلغان ساندىن خېلى يۇقىرى ئىكەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي جاسۇسلىرى دۇنيادا ئەڭ ئاكتىپ ۋە جاھىل ئىقتىسادىي جاسۇسلاردۇر. خىتاينىڭ ئامېرىكا تېخنولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ھەرىكىتى يۇقىرى سەۋىيىدە داۋام قىلماقتا. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلماقتا ۋە بۇ خىل تەھدىت بارغانچە ئېغىرلاپ بارماقتا.
ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلىرىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلدى.