خىتاي ژۇرنالىست 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاي ژۇرنالىست چېن داۋجۈن مۇھىتنى بۇلغاش ئېھىتماللىقى يۇقىرى بولغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.21

چېڭدۇ شەھىرىدە چېن داۋجۈن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت يېرىم سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان بولۇپ، سوتتا چېننىڭ مەزكۇر زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا قارشى يازغان 3 پارچە ماقالىسى ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل قىلىنىشىچە، چېننىڭ بېيجىڭلىق ئادۋوكاتى جۇ جيۇفۇ چېن ماقالىسىدە پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئائىت گەپلەرنىڭ قەتئىي يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 4 - مايدا، چېڭدۇ شەھىرىگە قوشقان پېڭجۇ ناھىيىسىگە قۇرۇلىدىغان ئېتىلېن زاۋۇتى ۋە نېفىت ئايرىش زاۋۇتى مۇھىت ۋە سۇ مەنبەسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان بولغاچقا، 200 دىن ئارتۇق ئامما مەزكۇر زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش قىلغان بولۇپ، چېن داۋجۈنمۇ نامايىشچىلارغا قوشۇلغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چېن ئىلگىرى سىچۈەن گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە چەتئەلدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن ماقالا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە تىبەت ھوقۇقىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.