12 كۈن داۋام قىلىدىغان مەزكۇر پائالىيەتتە لېكسىيە ئۆمىكى ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، شۇ يەردىكى يەرلىك ج خ دائىرىلىرىگە ۋە ئاساسى قاتلام ساقچىلىرىغا تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى قوراللىق باستۇرۇپ، بەزى پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، بىراق بەزى سەزگۈر ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى پاش بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى شەندۇڭ ساقچى ئىنستىتۇتى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار يەرلىك ساقچىلارغا «ئاممىۋى خاراكتېرلىك جىددىي ۋەقەلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، بۇ خىل ۋەقەلەردە ساقچىلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش» قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە بېرىدىكەن.