يەنە بىر تۈركۈم ئاتالمىش خىتاي پىدائىيلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە «ياردەم» بېرىشكە كەلگەن

ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەتسىز يۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر دىيارىغا ياردەم بېرىدىغان ئاتالمىش خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرى 25 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ «غەربىي دىيار پىلانى» بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە «ياردەم بېرىشكە» كەلگەنلەر ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا بۇ، مەزكۇر پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن 10 - تۈركۈم «پىدائىي» لار بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن بۇ خىل ئاتالمىش پىدائىيلارنىڭ سانى جەمئىي 1475 كە يەتكەن.

بۇ تۈركۈم «پىدائىي» لار خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قۇمۇل پويىز ئىستانسىغا كىرگەندە باشلىرىغا دوپپا كىيدۈرۈلۈپ قارشى ئېلىنغان. بۇلار ئۈرۈمچىدە 3 كۈن تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلىدىكەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يۇقىرى نىسبەتتىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» گە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت