خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان كوكتاتلارادا خېمىيە ئوغۇت قالدۇقلىرى كۆپ

يېشىل ۋە تىنجلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۇشىدىن قارىغاندا، خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان كوكتاتلاردا خېمىيە ئوغۇت قالدۇقلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ كۆپۈنچىسى ئادەمنى زەھەرلەش كۈچى ناھايىتى يۇقۇرى بولغان خېمىيېۋىي بىرىكمە قالدۇقلىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئو رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېشىل ۋە تىنجلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي شۆبىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا 'چوڭ شەھەرلەردە سېتىلىۋاتقان كوكتاتلارنىڭ 80 - 90% ئىدا ئادەملەرنى زەھەرلەش كۈچى ناھايىتى يۇقۇرى بولغان خېمىيە ئوغۇت قالدۇقلىرى بار. ئۇنىڭ بەزىلىرى بىۋاستە راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار' . ئەمما ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، كوكتات ئىشلەپچىقارغۇچىلار قانۇنىسز خېمىيە ئوغۇت قوللانغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

مۇتەخەسسلەرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، دېھقانچىلىقتا قولىنىلىدىغان خېمىيە ئوغۇتلارىنىڭ كوكتاتلاردىكى قالدۇقلىرىدىن، ئاز دېگەندە ئىككى خىل نەرسىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىرى كوكتاتلاردىكى كىسلاتا قالدۇقلىرى، يەنە بىر خىلى كوكتات ھۇجەيلىرىگىچە سىڭىپ كېتىىدىغان خېمىيېۋىي بىرىكمە قالدۇقلىرى.
 
يېشىل ۋە تىنجلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر يەر شارىدا ئۈسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ۋە قۇرۇقلۇقتىمۇ، سۇدىمۇ ياشىيالايدىغان ھايۋاناتلارنىڭ سانى ئازلاپ كېتىشكە دېھقانچىلىق دورىلىرى سەۋەپ بولماقتا.

دۇنيادا ھاياتلىققا زامىن بولۇشتىن خالى بولۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى --- دېھقانچىلىق دورىلىرىغىلا تايىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەگەر دېھقانچىلىق دورىلىرى قوللىنىشقا توغرا كەلگەندە، چۇقۇم ئىلىمي ئۆلچەمگە قاتتىق رىئاسيە قىلىشتىن ئىبارەت.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت