خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيەچى 'جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىپ ئاراللىرى دۆلەتلىرى بىلەن ھەربىي جەھەتتە باردى - كەلدى قىلىدۇ ۋە مۇداپىئە دىئالوگى تۈزىدۇ' دەپ جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن 1949 - يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا خىتايدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.