خىتاي چەتئەللەرگە ئەۋەتكەن مەخپى ساقچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكچى

خىتاينىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق - تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ساقچىلىرىنى كۆپەيتىش پىلانىنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.03

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى، 'شىنجاڭ' دېگەن رايونىدىن چەتئەللەرگە كېلىپ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي ھازىر بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارنى دۆلەت ئىچىدىن ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىن توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسى دەپ قارىماقتا.

بۇ خەۋەردە خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى' ئاشكارىلاپ قويغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بايان قىلىنىشىچە، خىتاي 1998‏ - يىلىدىلا ئامېرىكىغا ساقچى ئەۋەتىپ مەخپى ئالاقە تورى قۇرۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ساقچى تورىنى 19 دۆلەتكە كېڭەيتكەن. ھازىر چەتئەللەرگە ئەۋەتكەن مەخپى ساقچىلىرىنىڭ سانى 30 دىن ئاشقان.

چەتئەللەردە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن مەخپى ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىلەر، ئادەتتە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ۋە جىنايەتلىرىنى ئېنىقلاشقا، چەتكە قاچقان ئەمەلدارلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە، شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ۋە پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ياردەملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.