ليەنتاڭ كەنتى ۋۇكەن كەنتىنىڭ دېموكراتىك كۈرىشىدىن ئۆلگە ئالماقتا

گۇاڭدۇڭنىڭ شەنتۇ شەھىرىدىكى ۋۇكەن كەنتىدىكى ئاھالىلەر، ئۆتكەن يىلى بىر قاتار ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئورگانغا ئايلانغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-27
Share

ۋۇكەننىڭ بۇ تەجرىبىسىدىن ئىلھاملانغان، مەزكۇر شەھەرنىڭ ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرمۇ بىر ھەپتىدىن بېرى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەر، بىرقانچە كۈندىن بېرى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئەسلىدە كەنتكە تەۋە بولغان، ئەمما سېتىۋېتىلگەن يەرلەر ھەققىدە ھېساب بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

كەنت باشلىقلىرى دەسلەپتە قاتتىق-يۇمشاق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلماسلىققا قىستاپ باققان بولسىمۇ، كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان دائىرىلەر، مۇشۇ چارشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئاھالىلەرگە ئاشكارا مەلۇمات بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر، چارشەنبە كۈنى 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مەلۇماتنى ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر جاۋاب قانائەتلىنەرلىك بولمىسا، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت