خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكچى

خىتاي دۆلەتلىك نېفىت باش شىركىتىگە تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى سۇن پو 5 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 2009 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا تارتىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.12.07

شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇن پونىڭ بىلدۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان تەۋەسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى 2009 - يىلى 6 - ئايغا كەلگەندە پۈتۈپ، 11 - ئايدا بۇ لىنىيىلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ ھەم قۇرۇلۇش تۈگەپ، 12 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

خىتاينىڭ پىلانى زور بولۇپ، بۇ لىنىيىلەر ئارقىلىق كېلەر يىلى 4.5 مىليارد كۇب مېتىر، 2012 - يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇيدىكەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىملىرى مەۋجۇت، بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتاينى تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3636 كىلومېتىر ئىكەن. خىتاي بۇ دۆلەتلەردىن ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىشنى ھەمدە ئۇنى بارغانسېرى كۆپەيتىشنى پىلان قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.