قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىشتە، ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ناھىيىدىكى ئاتا - ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەسىس قىلغان شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەۋزەللىكى، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان غەمخورلۇقى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ توغرىلىقى، شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇغاندا ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىدىغانلىقىدەك تەشۋىقاتلارنى قىلىپ، دېھقانلارنى پەرزەنتلىرىنى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئەۋەتىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلى دەسلەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 12 شەھەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىپ مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولسا، ھازىر خىتاينىڭ 25 شەھىرىدە شىنجاڭ سىنىپلىرىنى قۇرۇپ ئوقۇغۇچى ئېلىش كۆلىمىنى بارغانچە كېڭەيتمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ شىنجاڭ سىنىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ، خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىنى تۈگىتىپ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ھازىرغا قەدەر خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان.
