ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودىسىدا خىتاي تەرەپ 16 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئېكسپورت، 6 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىمپورت قىلغان.
قازاقىستان نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا سوممىسىنىڭ 20 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى مەلۇم. ئەمما، پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستاننىڭ سودىسىلا 2011 - يىلى 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودىسىدا قازاقىستان بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان خىتايغا ئاساسلىقى يەر ئاستى بايلىقلىرى، بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. قازاقىستان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاساسلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدىغان مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، قازاق نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاي سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستان ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينى قازاقىستاننى ئۆز ئىقتىسادىي تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.