خىتاي، گۇيجۇدا كىشىلىك ھوقۇقى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىككى پائالىيەتچىنى قولغا ئالغان

گۇيجۇدىكى يەرلىك خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانى پەيشەنبە كۈنى 12 ‏ - ئاينىڭ 10 - ‏كۈنى يېتىپ كېلىدىغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گۇيجۇدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن چېن شى ۋە شىن يونەنلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.05

خەۋەرلەردە يەنە گۇيجۇدىكى كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گۇيجۇدىكى كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن چېڭ نىڭ ئىسىملىك بىر زاتنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىشىچە، چېن شى ۋە شىن يۈنەنلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى 12 - ئاينىڭ 10‏ - كۈنى گۇيجۇدا ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇقى مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

12 - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى ئومۇمى ئەھدىنامىسىنىڭ ئىمزالانغان كۈنىدۇر. خىتاي مەزكۇر ئەھدىنامىغا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىمزا قويغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ ئىككى قوشۇمچە ھۆججىتىگە تېخى يېقىنقى يىللاردا قول قويغان، ئەمما خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ ھۆججەتنى ھازىرغا قەدەر ماقۇللىمىدى.

گۇيجۇدىكى كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى 10 ‏ - دېكابىردىكى يىغىننى توساشنى مەقسەت قىلغانلىقى، خىتاي مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى سەزگۈر بىر دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا بۇ تۈردىكى يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىنى ھاكىمىيەتكە تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.