«خىتاي پاكىستانغا قارىتا شەكىللەنگەن تەھدىتنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان تەھدىت دەپ قارىماقتا»

بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ پاكىستان ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەندىشىسى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ناتو قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 26 پاكىستان ئەسكىرى ئۆلگەندىن كېيىن، پاكىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىشىشى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. خىتاي پاكىستانغا قارىتا شەكىللەنگەن تەھدىتنى ئۆزلىرىگە قارىتا شەكىللەنگەن تەھدىت دەپ قارىغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا بىر قاتار ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئېلىپ بارغان.

Prisonplanet ناملىق بىر خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستان چېگراسىغا يېقىن بىر جايىغا DF-21C ۋە DF-11A تىپلىق يېقىن ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇ جايدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان. ئەمما خەۋەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېنىق قايسى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنمىغان.

خىتاي بىلەن پاكىستان 14-نويابىردىن 27-نويابىرغىچە پاكىستاندا شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى. خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ ئەنە ئاشۇ پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ ئالدىن پىلانلانغان بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ۋە ياكى بۇنىڭ پاكىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىلانلاپ ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.