تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا "غەربنى ئاچىمىز، تەرەققىي قىلدۇرىمىز، بايلىق بەرپا قىلىمىز " دېگەن شوئارنى كۆتۈرىۋالغان بۇ بىر مىليون ئەتراپىدىكى پاختا تېرىش قوشۇنى 70 كۈن جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي بىر مىليارد يۈەن پۇل تېپىپ يۇرتلىرىغا ئېلىپ كەتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا بۇ يىل بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىگە ئىشلەمچىلىككە كەلگەن پاختا تېرىش قوشۇنىدىكى بىر مىليون ئىشلەمچىنىڭ 700 مىڭدىن كۆپرەكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن، قالغان 228 مىڭى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پەسىللىك ئىشلەمچىلەر ئىكەن.
بۇلتۇرمۇ پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ تاپقان ئىش ھەققى بىر مىليارد 430 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى. بۇ پاختا بازىلىرى ئاساسەن خىتاي بىڭتۇەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا.
نۆۋەتتە بىڭتۇەننىڭ كېۋەز تېرىلغۇ مەيدانى يەتتە مىليون 850 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، پاختا تېرىش مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىڭتۇەنىگە ھەر يىلى بەش يۈز مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇنلىرى پاختا تېرىشقا ئېلىپ كېلىنىۋاتقان بولسا، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئىشلەمچى يۆتكەش سىياسىتى ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا گۇمان ھەم نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.