خىتاي قازاقىستان پرېزىدېنتتىگە ئالىي شەرەپ مېدالى تەقدىم قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا خىتاي دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالىي شەرەپ مېدالىنى تەقدىم قىلغان.

" قازاقىستاندا بۈگۈن" تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مېدال قازاقىستاننىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى سەپىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قوشقان تۆھپىسىگە بېرىلگەن.

مېدال خىتاي دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېف خىتايغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى مېدال تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نازاربايېف زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا بىرنەچچە تۈرلۈك كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي تەرەپ قازاقىستان تەرەققىيات بانكىسىغا 5 مىليارد دوللار ۋە قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە 5 مىليارد دوللار قەرز بېرىش كېلىشىمى قاتارلىقلار بار.

قازاقىستان, شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، شۇندىن كېيىن قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يولى تارايغان ۋە بەزى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى قازاقىستاندىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.