شىنخۇئانىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دائىمىي ئىشلار بويىچە مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ قاتناشقان شۇنىڭدەك قازاقىستان TBM شىركىتىنىڭ لىدېرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ياڭ گاڭ قازاقىستانلىقلارغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
گۇئاڭخۇي شىركىتى بىلەن ت ب م شىركىتى ئالتايدا 8 يۈز مىليون كۇب مېتىر سۇيۇقلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان زاۋۇت قۇرۇش ھەمدە بىرلىكتە نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلارنى تېپىش ھەم ئېچىش ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشكەن.
TBM قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي نېفىت شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى سودىسىنىڭ پرېزىدېنت ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ھەم جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.
نۆۋەتتە، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدا نېفىت تۇرۇبىسى مەۋجۇت بولۇپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ 2009 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى ئېيتىلغان . قازاقىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە شېرىكى ۋە سودا شېرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
