خىتايدا شىركەتلەرنىڭ ئاساسەن دۆلەت ئىگىلىكىدە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار، خىتايدا قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكىنىڭ مۇمكىنسىز ياكى ئاز ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بىر قىسىم پاكىتلارغا ئاساسەن، خىتايدا قورال-ياراق قاراڭغۇ بازىرىدا چوڭ بوشلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
سىنگاپور ۋاقتى گېزىتىنىڭ مىسال ئېلىشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى 1992-يىلى پىڭيۇڭ ناھىيىسىدە، بىر قارا گۇرۇھنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن 80 كۈن قوراللىق توقۇنۇشقان. نەتىجىدە، 854 كىشىنى قولغا ئالغان، 981 كىلوگرام خروئىن ۋە 353 دانە ھەر خىل تىپتىكى قورال-ياراقنى مۇسادىرە قىلغان.
خەۋەردە مەزكۇر ئوپىراتسىيەنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقى ۋە ئولجىلىرى، خىتايدا قاراڭغۇ بازاردىن قورال-ياراق سېتىۋېلىشنىڭ تامامەن مۇمكىن ۋە ئاسانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يەنە مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم تىنچسىز رايونلىرىدىكى ئىسيانكار گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدىنمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن قورال ياراقلار تېپىلغان.
ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى نۆۋەتتە، مەزكۇر قورالنىڭ سېتىۋېلىنىشىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ چەتئەل كۈچلىرىگە قورال سېتىشىنىڭ كۆپ ھاللاردا سىياسىي مەقسەتلىك بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ چەتئەل كۆچلىرىنى كۆپ ھاللاردا ھەقسىز قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۆتكەندە كانادانىڭ يەر شارى گېزىتى خىتاينىڭ كازافىيغا قورال سېتىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان، ئارقىدىن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.