رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 66 ياشلىق فىزىكا ئالىمى دانىلوۋ ئاخىرى گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان.
1990 - يىللاردىن كېيىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا - ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئالەم تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ قويۇقلىشىشى جەريانىدا رۇسىيە بىخەتەرلىك ساھەسى خىتاينىڭ رۇسىيە نازۇك تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىر مەزگىل غۇلغۇلا قىلىشىچە، بۇ جەرياندا كراسنايارسكىي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دانىلوۋ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق جەريانىدا بىر قىسىم ئالەم تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى خىتايغا بېرىپ،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ئالغان. بۇ ئەھۋال مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشقان. نەتىجىدە، دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى دانىلوۋنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن.
دانىلوۋ باشتىن ئاخىرى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىك ئەمەسلىكى، ئادەتتىكى ئاشكارا مەلۇماتلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرزى سۇنغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلىشى بىلەن ئۇ ئاخىرى قويۇپ بېرىلگەن. بىراق دانىلوۋ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پۇتىن ھۆكۈمىتىنى ئاشكارە ئەيىبلەشتىن ئېھتىيات قىلغان.