ئامېرىكا تاموژنىسى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن 100مىليون دوللار قىممىتىدىكى ساختا ماللارنى مۇسادىرە قىلدى

ئامېرىكا تاموژنا ساقچىلىرى يېقىندا، ساختا تاۋارلارنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كالىفورنىيا ئىشتاتىدا خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ساختا ماللارنى مۇسادىرە قىلغان. مۇسادىرە قىلىنغانلار ئاساسلىقى كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى بولۇپ، دائىرىلەر ۋەقە گۇماندارلىرىدىن 3 كىشىنى 25 خىل قانۇنسىز قىلمىش بىلەن ئەيىبلەپ دېلو تۇرغۇزغان.

ئامېرىكا تاموژنا ئورگانلىرى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دېلونى شتات تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دېلو دەپ كۆرسەتكەن. تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرىدىن بىرى ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ماللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ۋە يەرلىك كارخانىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.