رادىئومىزنىڭ خوڭكوڭغا جايلاشقان جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئوقۇغۇچى ئەسلى خاربىن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ 22 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى لىن سۇڭلىڭ بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قاۋاقخانىغا بارغان ھەمدە قاۋاق ئىشىكىدە ساقچىلار بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تالىشىپ جېدەللەشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جېدەللەشكەن ساقچىلار لىن سۇڭلىڭنى سۆرەپ چىقىپ توپلىشىپ ئۇرغان، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىچ ئەزالىرى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغاچقا ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
توپلىشىپ ئادەم ئۇرغان مەزكۇر 6 نەپەر ساقچى خاربىن شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، بۇلارنى نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.
دۈشەنبە كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بالىسىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ساقچى ئىدارىسى ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي ساقچىلىرى ئەتراپىنى توسۇق قۇرۇپ قورشاۋغا ئالغان.
جۇڭگولۇقلار تورىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە، "خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ياكى لۈكچەك، يا بولمىسا باندىت. ئۇلارنىڭ ئارقا تېرىكى كۈچلۈك بولۇپ، كوممۇنىست پارتىيە ئۇلارغا يۆلەك بولۇپ تۇرىدۇ" دەپ يېزىلغان.
