خىتاي، ساركوزىينىڭ ' ئېغىر بەدەل ' تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان " خەلق گېزىتى" دۈشەنبە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ ئالدىنقى كۈنى پولشادا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە تەھدىت سالدى

باش ماقالىدە ساركوزىينىڭ " ئېغىر بەدەل" تۆلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شەنبە كۈنى پولشانىڭ گدانسك شەھىرىدە دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان نىكولاس ساركوزىي، ياۋروپا ئىتتىپاقى دالاي لامانىڭ تىبەت ۋەزىيىتىدىن تۇيغان ئەندىشىلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

" خەلق گېزىتى" پولشادىكى ئۇچرىشىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ ئۇچرىشىشنى ھەرگىز ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساركوزىينى "پۇرسەتپەرەسلىك" شۇنداقلا خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە "پىسەنت قىلماسلىق " بىلەن ئەيىبلىگەن.

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي، خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ "ساركوزىي تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك بولغان تەرەپنىڭ فرانسىيە" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. " خەلق گېزىتى" نىڭ باش ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " ساركوزىي جۇڭگونىڭ قايتا - قايتا قارشى تۇرۇشى، كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەلىپىگە قارىماي، جۇڭگونىڭ قىزىل سىزىقىدىن ئاشكارا ئاتلاپ ئۆتتى."

لېكىن ساركوزىي دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئاقلاپ، " نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قايسى دىندا ئىكەنلىكى ۋە نېمىنى داۋا قىلىدىغانلىقىغا قارىماي كۆرۈشۈش فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ مەسئۇلىيىتى" دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لاما ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن غەرب رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ ئۇچرىشىشلارغا ھازىرقىدەك شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى " خەلق گېزىتى" ساركوزىيغا قارشى قانداق ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ فرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.