خىتاي، فىرانسىيە پرېزىدېنتىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى، "ئەگەر فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي شەنبە كۈنى، پولشادا پىلان بويىچە دالاي لاما بىلەن ئۇچراشسا، ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە مىليارد دوللارلىق سودا مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر يېتىشى مۇمكىن " دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.04

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغان ليۇ جەنچاۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ پەقەت، سىياسىي ئىختىلاپسىز ئورنىتىلغان دوستلۇق ئاساسىدا تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا پرېزىدېنت ساركوزىينىڭ دەرھال سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

دالاي لاما، ياۋروپادا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى داۋامىدا 6 ‏ - دېكابىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا تىبەتكە ئاپتونومىيە تەرغىپ قىلىش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن سىرت، يەنە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى، دالاي لامانى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلدى دەپ ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلمەكتە. بىراق دالاي لاما، يېقىندا دارامسالادا ئېچىلغان تىبەت قۇرۇلتىيىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق تىبەتلەر تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا قارىماي،ئۆزىنىڭ يەنىلا ئالى ئاپتونومىيە تەلىپىدە "چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.