خىتاي «شەرقىي تۈركىستانچىلارغا زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دېدى

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دېدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا باياناتچى جياڭ يۈ مۇخبىرنىڭ خىتاينىڭ ئەل-قائىدىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان كۆز قارىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىۋاتقان يىغىنى ھەققىدىكى ئىنكاسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «خىتايمۇ تېررورىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان بىر دۆلەت.

بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەر خىتاينى بۆلۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋە شۇنداقلا رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دېگەن. جياڭيۈ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلغان.

خىتاي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ كەلمەكتە.

ئەمما، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي يەنە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش شوئارىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.