خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭمۇ مېڭىسى كونا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.31
2010.10.31
بۇ، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىغا يېڭىدىن مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ بەلگىلەنگەنلىكى بىلەن ئىز باسارلىق ئورنى تىكلىنىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ تېخىچە 'ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى' دېگەن كونا ئاتالغۇنى قوللانغانلىقىغا قىلىنغان مەسخىرە.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 1950 - يىلىدىكى كورىيە ئۇرۇشى شىمالى كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇشقا گەرچە خىتاي ئارىلىشىپ، شىمالى كورىيىگە 'ياردەم' بېرىش ئۈچۈن مىليونلىغان ئەسكىرى ئۆلگەن، ئەمما شىمالى كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ دۆلەت چېگرىسىدا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان. ئۇنى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى دېگىدەك يېرىمۇ يوق. ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلغان ئىككى كورىيىمۇ بۇ ئۇرۇشنى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان ئەمەس.
بۇ پەقەت خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭمۇ مېڭىسى يەنىلا كونا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، خالاس.