خىتاي، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن 'ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش' نى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش 23 - ئىيۇن كۈنى "ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش " بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كېرىمباي ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.06.25

ئۇ يەنە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپ ئامما ئارىسىغا بېرىپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك دوكلات ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇنىڭغا قارىتا كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئالدىدىكى كۆز بويامچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى دېدى. ئۇ يەنە، ئەسقەت كېرىمباينىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدىغان بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىنىڭ جۇڭگونىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدىكى خەلقنى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش ئارقىلىق يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىنى ئىنسانىي ۋە سىياسىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.