خىتاي نېفىت ئىشچىلىرى سۇداندا تۇتۇپ كېتىلدى

سۇداندا تۇرىۋاتقان خىتاينىڭ نېفىت ئىشچىلىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 9 نەپەر جۇڭگولۇق نېفىت ئىشچىسى سۇداننىڭ كوردوفان ئۆلكىسىدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.19

بۇ 9 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەپەر ئىنژېنېر، 6 نەپەر ئىشچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە تەۋە ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسى بار ئىمكانلىرى بىلەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا، شۇنىڭدەك بۇ ئادەملەرنى بەلكى يەرلىك ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تۇتۇۋالغانلىقى، ئۇلارنىڭ نېفىت ئېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئېلىشنى كۆزلىگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 9 نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنى توشۇغان سۇدانلىق شوپۇر قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

سۇدان جۇڭگونىڭ مۇھىم نېفىت ئالىدىغان نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.