خىتاي سۈت تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئېكىسپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.02
2008.10.02
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياپونىيە خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر قانچە دۆلەت تاشقى ئىشلار خادىملىرىنى بىر ئارىغا يىغىپ، بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقى شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ۋەدىنى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ زەھەرلىك سۈت پاراشوكنىڭ جۇڭگو ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرىنى يۇيۇشقا تىرىشماقتا.
ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا مېلامىن ماددىسى بايقالغان خىتاي تاتلىق يېمەكلىكلىرى سېتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستىمالچىلارنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان " توشقان " ماركىلىق سۈتلۈك كەمپۈت بىلەن "دولقۇن" يەنى خىتايچە " بولاڭ " دەپ ئاتىلىدىغان قەھۋەنى ئىستىمال قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ئارىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغا قەدەر 2489 نەپەر بوۋاقنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ كېسەل بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.









