خىتايدا 14 - سىنتەبىردىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى بازاردىن تازىلانماقچى

دۇنيا مىقياسىدا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ،دۇنيا جامائىتىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ب ب س نىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 13 - ئۆكتەبىر خىتاي دائىرىلىرى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە بۇ يىل 14 - سىنتەبىردىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بازاردىن تازىلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.10.14

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ چوڭ تازىلاشتا خىتاي ھۆكۈمىتى سۈپەت تەكشۈرۈش، باج، كارانتىن، سەھىيە قاتارلىق سەككىز تارماقنى ئىشقا سالىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى ھەر قايسى بازار، دۇكان، توپ ۋە پارچە تارقىتىش ئورۇنلىرىدىكى قايسى خىل ماركىدىكى سۈت مەھسۇلاتى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، 2008 - يىلى 14 ‏ - سىنتەبىردىن ئىلگىرى ئىشلەپچىقرىلغانلا بولسا، مېلامىن بايقالمىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈردىكى سۈت ھەم سۈتلۈك مەھسۇلاتلار بىردەك سېتىشتىن توختىتىلىپ پۈتۈنلەي يىغىۋېلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۈگۈن يەنە، گەنسۇدا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن بۆرىكى زەئىپلىشىپ ئۆلگەن ئالتە ئايلىق بوۋاقنىڭ ئاتا ‏ - ئانىسى، سەنلۇ شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان بولۇپ،بالىسىنىڭ ئۆلۈمىگە جاۋابكار بولغان سەنلۇ شىركىتىدىن بىر مىليون سەكسەن مىڭ يۇەن تۆلەم تەلەپ قىلغان. بۇ خىتايدا سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بوۋاقلارغا ئائىت،تۈنجى قېتىملىق ھەق تەلەپ ئەرزى ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.